Version: 2008

بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى

فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى...

بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ» ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ»، « ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻤﯘ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ...

بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى

مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن . ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان ...

بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائى

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى . ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس ...

ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللام

ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئاريسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم – پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم – پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلغان...

ئۇيغۇر ئوت يۈرەك ئۇستاز مەمتىلى تەۋپىق

مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ...

ئۇيغۇر ئوت يۈرەك شائىرى ئىنقىلاپچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ . 1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ ...

ئۇيغۇر ئەدىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖﺋﻪﺩﯨﺐ، ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ 1933-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، 1950- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ- ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ 4ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1950-ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻳﺎﺷﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ...

ئۇيغۇر ئەدىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر ”قەشقەر كېچىسى“،“ئىز“،، ئۆمۈرمەنزىللىرى“، ”ئويغانغان زېمىن“ قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە«قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،“مىللەتلەر ئەدەبىياتى“ قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى...

ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىق

ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە ”Nasa“ دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى ”Jet Propulsion Laboratory“ بولۇپ، قىسقارتىلىپ ”JPL“ دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تونۇلغان بىر تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـــــ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراسىنى ياساپ چىقتى...

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتالىپ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (رۇسسىئان ئاادەمي ئوف مەدىال سىئەنەس) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى ۋە غول ھۈجەيرە، ىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان...

ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا

1991-يىلى 10- ئاي. مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر رەئىس جۇمھۇرى مۇھەممەد ھۈسنى نۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى...

مۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخان

ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺩﻭﻻﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﻛﯩﺖ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ) ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﻧﺎﭖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺳﺎﺗﺎﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﻣﺒﯜﺭ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﺴﺎ ، ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ، ﺳﺎﺯ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ...